تۈركىيە پۇقرالىقى ھەققىدە بىر ئەسلىمە

تۈركىيە پۇقرالىقى ھەققىدە بىر ئەسلىمە

تۈركىيە پۇقرالىقى ھەققىدە بىر ئەسلىمە

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن گەپنى سەل باشتىن باشلىساق، تۈركىيەدە 1996-يىلىدىن بۇرۇن ئىقامەت ۋە پۇقرالىق ئىشلىرى خېلى ئاسان ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە ھۆرمەت قىلغاچقا ئاسان ئىكەن. 1996-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى نەجمىدىن ئەرباقانغا 148 ئۇيغۇرنىڭ ئىقامەت تەلىپى سۇنۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت، پۇقرالىق بېرىدىغان ئىشلار توختىغانىكەن. 1997-يىلىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ كېيىنكى ۋاقىتلىق باش مىنىستىر مەسئۇت يىلماز 1998-يىلى شەرقىي تۈركىستان،  ئۇيغۇرلار توغرىلىق «قىزىل رەڭلىك مەخپىي ھۆججەت» چىقارغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشى ئومۇميۈزلۈك توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى.

ئەمدى ئەسلى تېمىغا كەلسەك، تۈركىيەدە 2000-يىلىغا كەلگەندە ئولتۇراقلىشىپ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ سەل كۆپەيگەنىكەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ يىلدىن باشلاپ نوپۇسى چىققاندىن كېيىن ئۇدۇل ۋەتەنگە بېرىپ كېلىدىغان ئۇيغۇرلار كۆپەيگەن. خىتاي بولسا خىتايلىقىنى قىلىپ، تۈركىيەدىن بارغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ پاراكەندە قىلغان. خىتاي بىر تاجاۋۇزچى، دۈشمەن بولغاچقا، ئەلۋەتتە دۈشمەنلىك قىلىدۇ.

ئەمدى بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، بىز ئۇ يىللاردا توختىماي خىتايغا بېرىپ كېلىدىغان كىشىلەر توغرىلىق بەزى ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ قالاتتۇق. كېيىن بۇ ئەھۋاللار تۈركىيە تەرىپىدىن چىقارغان مەخسۇس ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا ھەرھالدا راست بولۇپ چىقتى. 

خىتايغا ۋە ۋەتىنىمىزگە بېرىپ كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى تۈركىيە پاسپورتى بىلەن بېرىپ كەلگەن بولسا، كۆپ قىسمى «تىجارىتىمىزگە قولايلىق بولىدۇ، ماللارنى ئەرزان ئالالايمىز، ئەرزان ياتاقتا ياتىمىز...» دېگەندەك چۈشەنچىلەر بىلەن تۈركىيە پاسپورتىنى يوشۇرۇپ، يەنىلا خىتاي پاسپورتى ئىشلەتكەن. خىتاي بولسا تاكى ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغاندىن باشلاپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە تېلېفون قىلغىچە بولغان بارلىق جەريانلارنى تەپسىلىي بىلىپ تۇرغان. شۇڭا خىتاي پاسپورتى بىلەن بارغان، ئازراقلا گۇمانلىق دەپ قارالغان كىشىلەر خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن «ۋاي بىز تۈركىيە پۇقراسى ئىدۇق...» دەپ، تۈركىيە پاسپورتى ۋە كىملىكلىرىنى چىقارغان ياكى خىتاي ساقچىلار تۇتۇپ، يانلىرىنى ئاقتۇرغاندا يانچۇق، يۈك-تاقلىرىدىن تۈركىيە پاسپورتى ۋە كىملىكلىرى چىققان.

ئۇ كىشى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىنلىرى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىغا خەۋەر قىلغان. ئۇلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە يېقىنلىرىنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىغان. ئەمما سۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ گەرچە تۈركىيە پۇقراسى بولسىمۇ، تۈركىيە پاسپورتى ۋە كىملىكىنى ئىشلەتمەي، يەنىلا خىتاي پاسپورتىنى ئىشلەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە خىتاينىڭ ئالدىدا ئوسال بولۇپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغان.

ئەھۋالدىن قارىغاندا كېيىنچە مۇشۇنداق ئەھۋاللار داۋاملىق داۋاملاشقان بولسا كېرەك. 2000-يىللىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئۇيغۇرلار توغرىلىق قىزىل رەڭلىك بىر مەخپىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان. تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنى ئىستانبۇل مەركىزىي ساقچى ئىدارىسىغا بىردىن-بىردىن چاقىرىپ، ئۇقتۇرۇش مەزمۇنىنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇپ، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىن پايدىلىنىشنى ھەمدە قەتئىي مەخپىي ساقلاشنى تاپىلاپ، قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغان.

ئۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ باش تەرىپىگە قىزىل قەلەم بىلەن «مەخپىي» دېگەن ئالاھىدە خەت يېزىلغان بولۇپ، مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە؛

«مەخپىي

مۇناسىۋەتلىك كىشىگە:

بېيجىڭدىكى باش ئەلچىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، تۈركىيە پۇقراسى بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتايغا قىلغان ساياھىتى جەريانىدا (خىتايلار تەرىپىدىن) نازارەت قىلىنغانلىقى، تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ھەتتا قولغا ئېلىنغانلىقى ئېنىقلاندى. بۇ خىل ئەھۋالدا خىتايدىكى باش ئەلچىخانىمىز ۋە كونسۇلخانىلىرىمىز بەكمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغان ۋە ياردەم قىلالمىغان.

 ئۆزىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن:

 1. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كۆپ بارماڭ.

2. تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى خىتاي ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىغا تاپشۇرۇپ، خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىپ كېتىڭ.

3. ئەگەر خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىپ كەتكەن بولسىڭىز، بۇ ئەھۋالنى مەركىزىي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا چوقۇم خەۋەر قىلىڭ.

4. خىتايغا ساياھەتكە بېرىشتىن بۇرۇن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىڭىز كېرەك.

(تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىنمۇ) تېخىغىچە خىتاي پۇقرالىقىنى ساقلاپ قالغانلىقى ئېيتىلغان، ئەمما مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىمىز تەرىپىدىن ئىسپاتلىنالمىغان پۇقرالىقىمىزنى باش ئەلچىخانىمىز ۋە كونسۇلخانىلىرىمىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتىگە ئاساسەن قوغداپ قالالمايدۇ. بۇ ئەھۋاللارنى بىلىۋېلىشىڭىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق.

يۇقىرىدا بىلدۈرۈلگەن ئەھۋاللارغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىڭىزغا قارىتا ئەڭ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز، تۈركىيە پۇقراسى بولغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمىز ۋە بەخت تىلەيمىز.

نوپۇس ۋە ۋەتەنداشلىق ئىشلىرى مەركىزى ئىدارىسى»

ئەھۋالدىن قارىغاندا تۈركىيە ئەينى يىللىرى ئۇيغۇرلارنى بىر ئاماللارنى قىلىپ قوغداپ قالماقچى ۋە يار-يۆلەكتە بولماقچى بولغان. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلىدا «مەخپىي» دېگەن سۆز ئىشلىتىلمەيدىغان بولغىيمىتى ياكى ئىشلىتىلسىمۇ مەنىسى تېخى ئېنىق ئەمەسمىتى، بۇنى بىلمىدىم. ئىستانبۇل مەركىزىي ساقچى ئىدارىسىغا چاقىرتىلىپ، ساقچىلار تەرىپىدىن خىزمەت ئىشلەپ «بۇ ئۇقتۇرۇشتىن پايدىلان، مەخپىي ساقلا، دىققەت قىل» دەپ شۇنچە چۈشەندۈرۈپ بەرگەن، باش تەرىپىگە قىزىل قەلەم بىلەن «مەخپىي» دەپ يېزىلغان ئۇ ئۇقتۇرۇشلار كوچىلاردا ئۆز ئارا ئۇچرىغان كىشىلەرگە كۆرسىتىپ، كۈلۈپ ئوينايدىغان قەغەزگە ئايلىنىپ قالغان. نەتىجىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئالدىدا تېخىمۇ بەك كۈلكىلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. ئۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ مەندىكىسى شۇ يىللاردا ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قالغان نۇسخا.

دېمەك، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، نېمىشقىكىن بىلمىدىم، تاكى خىتاي تۇتۇپ سولىغۇچە تۈركىيەگە ئەمەس، خىتايغا ئىشەنگەن، خىتاينى چوڭ بىلگەن، ھەرقانداق قىلىپمۇ خىتاينى دۈشمەن كۆرمىگەن. كېيىن خىتاي تۇتۇپ سولىغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئەقلى بېشىغا كېلىپ: "ۋاي، مەن تۈركىيە پۇقراسى ئىدىم» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئۆزىنىڭ ۋەتەندىشىنى قۇتقۇزۇۋالماقچى بولغان. ئەمما بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىنىڭ دەل ئەكسىچە تۈركىيە پۇقرالىقىنى ئىشلەتمىگەنلىكى، يەنىلا خىتاي پۇقرالىقىدىن ۋاز كېچمىگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تۈركىيە خىتاينىڭ ئالدىدا ئوسال بولۇپ قىيىن ئەھۋالدا قالغان. ئەمما ئۇ كىشى ياكى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرى تۈركىيەنى «ئۆزىنىڭ پۇقراسىغا ئىگە چىقمىدى... ئانداقچى، مانداقچى» دەپ ئەيىبلەپ، توختىماي دەرد تۆكىدىغان بولۇپ قالغان.

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

يازغۇچى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق