خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىش ئىسپاتى

خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىش ئىسپاتى

خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىش ئىسپاتى

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

تۈركىيەدە ئولتۇراقلىشىپ 2000-يىلىغا كەلگەندە تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى سەل كۆپەيگەن. بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا ئاستا-ئاستا كۆپىيىشكە باشلىغان.

بۇ ئەھۋالدىن كېيىن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى بىر خىل يەڭگىللىگەندەك ھېس قىلىپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۆرۈشەلمەي ھەسرەتتە قالغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن ۋەتەنگە بېرىپ كەلمەكچى بولغان. ئەمما تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان بولسىمۇ، تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن يەنە تۇتقۇن قىلىشىدىن ياكى ئاۋارە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزى بىلگەن كىشىلەرگە (بەلكىم تۈركىيە ھۆكۈمىتىگىمۇ) مەسلىھەت سالغان. كېيىن بېرىلگەن مەسلىھەت بويىچە، ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر ياكى رايونلاردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىغا بېرىپ، خىتاي پاسپورتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى دەسلەپتە بۇ كىشىلەرنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، «خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىش ئىسپاتى» يېزىپ بەرگەن. مەلۇم بىر كىشىنىڭ 2000-يىلى ئالغان، مەن كۆپەيتىۋېلىپ ساقلاپ قويغان بۇ ئىسپات قەغىزىدە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار يېزىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان:

«خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىقىدىن چىقىش ئىسپاتى

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىقى قانۇنىنىڭ توققۇزىنچى ماددىسىدا "چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر خىتاي پۇقراسى ئۆز ئارزۇسى بىلەن ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ياكى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن تەقدىردە، تەبىئىي ھالدا خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن (پالانچى) تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ۋاقىتتىن ئېتىبارەن، خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىپ كەتتى.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسى».

بۇ ئىسپاتنى ئالغۇچى كېيىن بۇ ئىسپاتنى زەيتىنبۇرنۇدىكى تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان 1-گۇۋاھلىق ئورنىغا ئاپىرىپ، ئىسپاتنىڭ راست ئىكەنلىكىنى تەستىقلىتىپ، بارلىق قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ، تۈركىيە دۆلىتىنىڭمۇ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، تولۇق قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلغان.

پەرەز قىلىشىمچە، بۇ ئەھۋاللاردىن كېيىن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بەزى كىشىلەر خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىغا بېرىپ، مۇشۇنداق ئىسپات ئېلىپ، بىردىن، ئىككىدىن ۋەتەنگە بېرىپ-كېلىشكە باشلىغان. كېيىنچە كىشىلەر سالامەت بېرىپ-كەلگەندىن كېيىن، مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ۋەتەنگە بېرىپ-كېلىدىغان كىشىلەر بارا-بارا كۆپەيگەن.

مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇ ئەھۋال داۋاملىشىپ 2003-، 2004-يىللىرىغا كەلگەندە خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى «خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىش ئىسپاتى» يېزىپ بەرمەيدىغان بولغان. مەسىلەن: مەن 2004-يىلى 7-ئايدا ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىغا بېرىپ، خىتاي پاسپورتى ۋە سالاھىيەت گۇۋاھنامىلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، «خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىش ئىسپاتى» تەلەپ قىلغان بولساممۇ، يېزىپ بەرمىگەن. كېيىن باشقىلاردىن سورىسام، خىتاي ئەلچىخانىلىرى بۇنداق ئىسپاتنى چىقىرىپ بەرمەيدىغان بوپتۇ. مەن بۇ ئەھۋالدىن كېيىن بىر نەچچە قېتىم خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ: «نېمىشقا يېزىپ بەرمەيسەن؟» دېسەم، ئۇلار: «بىزنىڭ يېزىپ بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، سەن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ۋاقىتتىن باشلاپ، تەبىئىي ھالدا خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىپ كېتىسەن» دېگەن.

مەن بۇرۇن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئىلتىماس سۇنغان يىللاردا، پاسپورتىمىزنىڭ تۈركىيە ئىستىخبارات ئورگىنى تەرىپىدىن خىتايغا ئەۋەتىلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئۇ پاسپورتىمىزنىڭ بېيجىڭدىن بىزنىڭ ۋەتەنگە، ئۈرۈمچىدىن ۋىلايەتكە، ناھىيەگە، ئاخىرى ئايلىنىپ ئۆي ئادرېسىمىزغىچە تەكشۈرۈلۈپ، پاسپورت ۋە ئىگىسىنىڭ راست-يالغانلىقى ۋە باشقا ئەھۋالى ئېنىقلىنىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن بېيجىڭغا ئەۋەتىلىپ، يەنە ئايلىنىپ تۈركىيەنىڭ ئىستىخبارات ئورگىنىغا يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ 45 كۈندىن تۆت ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تاماملىنىدىغانلىقى، ئاندىن ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ ئېنىقلانغان مەلۇماتقا ئاساسەن پۇقرالىققا ئىلتىماس قىلغۇچىنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىشنى قارار قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم ۋە بۇ ئەھۋاللاردىن كېيىن كۆڭلۈمدە «ھە، بۇ دۆلەتلەر ئەسلىدە بىر-بىرىنىڭ ئىشلىرىنى بىلىشىپ تۇرىدىكەن...» دەپ ئويلىغانىدىم. كېيىن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ماڭا ئۇ ئىسپاتنى يېزىپ بەرمەي، تېلېفوندا بەرگەن جاۋابىدىن «ئەسلى بۇ يەردە بىز بىلمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بار ئىكەن» دەپ ئويلىغانىدىم.

مەن 2010-يىلى پاسپورت ئىشلىتىپ چەت ئەلگە چىقماقچى بولدۇم. بۇ ۋاقىتتا ساقچى ئىدارىسى ماڭا: «سەن تۇرۇشلۇق مەھەللە كومىتېتى (مۇختارلىقى)دىن شۇ مەھەللىدە ئولتۇرىدىغانلىقىڭغا ئالاقىدار ئىسپات خەت ئېلىپ كەل» دېدى. مەن بېرىپ ئۇ خەتنى ئېلىپ قارىسام، خەتتە ئائىلىمىزدىكى ھەممىمىزنىڭ ئىسمى يېزىلغان بولۇپ، ئاخىرىدا «بۇ كىشى تۈرك پۇقراسى، شۇنداقلا خىتاي پۇقراسى» دەپ يېزىلغان كىچىك خەت بار ئىكەن. كېيىن پاسپورتۇمنى ئېلىپ قارىسام، ئاخىرقى بېتىگە خىتاي پاسپورتۇمنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى شۇ پېتى بېسىپ قويۇلۇپتۇ. ئۇنىڭدا «تۇغۇلغان يېرى خىتاي، شىنجاڭ» دېگەن خەتلەرنىڭ بارلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز.

خىتاي 2016-يىلىدىن باشلاپ ۋەتەنگە بېرىپ-كېلىدىغان، «خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىش ئىسپاتى» ئالغان-ئالمىغان بارلىق ئۇيغۇرنى ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيەگە ئىككى-ئۈچ ياش ۋاقىتلىرىدا كەلگەن، 40-50 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، قورسىقىنى تويغۇزۇشتىن باشقا ھېچقانداق ئىشقا ئارىلاشمىغان، تۈرككە تەگكەن، تۈركتىن ئۆيلەنگەن، نەچچە پەرزەنتلىرى بار كىشىلەرنىمۇ ئوخشاشلا تۇتۇپ سولىدى. ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە بىگۇناھ يېتىۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ سانى 70 تىن كۆپ دېگەندەك خەۋەرلەر بار. بۇ جەرياندا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ كېلەلمىگەنلىكى، ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ بىر نەچچە قېتىم خىتاي تۈرمىسىدە بىگۇناھ يېتىۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇش توغرىلىق پارلامېنتقا ئىلتىماس سۇنغانلىقى... توغرۇلۇق خەۋەرلەرنىمۇ ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز.

مېنىڭ بۇ ئەھۋالنى يېزىشىمدىكى سەۋەب تۆۋەندىكىچە:

يېقىندىن بۇيان بەزى كىشىلەرنىڭ «تۈركىيە پۇقرالىقى چىقسا، بىز تۈركىيە پۇقراسى بولىمىز. تۈركىيە پاسپورتى بىلەن ۋەتەنگە بارساق ھېچنەرسە بولمايدۇ ياكى بولمايدىكەن، بېرىپ كېلىمىز...» دېگەندەك گەپلىرىنى ئاڭلىدىم. يەنە «خىتاي ھازىر بەك ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ، بەك بەلەن بولۇپ كېتىپتۇ، ھەتتا پاسپورت ئالىمەن دېگەن ئادەمگە ئۈچ كۈن ئىچىدە پاسپورت چىقىرىپ بېرىۋېتىپتۇ. ئەگەر ئۈچ كۈندىن كېچىكتۈرۈۋەتسە ئۇ ئەمەلدارنى جازالايدىكەن. ھەتتا خىتاي پاسپورتى بىلەن بارسىمۇ ھېچنېمە بولمايدىكەن. يول ئېچىلىپتۇ، بېرىپ كېلىۋاتقانلار باركەن...» دېگەندەك گەپلەرنىمۇ ئاڭلىدىم. ھەر قېتىم مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسام تولىمۇ ھەيران قالىمەن ھەم ناھايىتى ئازابلىنىپ كېتىمەن.

مەنچە مۇشۇ خىلدىكى ھەرقانداق گەپلەر خىتاي جاسۇسلىرى ۋە خىتايپەرەسلەر تەرىپىدىن غەرەزلىك ۋە مەقسەتلىك ھالدا تارقىتىلىۋاتقان يالغان خەۋەرلەر بولۇپ، خىتاينىڭ يەمچۈكىدىن ئىبارەت. شۇڭا ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر مۇشۇنداق خەۋەرلەرگە قەتئىي ئىشەنمەسلىكى كېرەك. شۇنداقلا مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى تارقاتقۇچىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ھەم سەزگۈر بولۇشى كېرەك!

خىتاي بىزنىڭ دۈشمىنىمىزدۇر، ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي دۈشمىنىمىزدۇر. خىتاي بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغان بىر تاجاۋۇزچى بولۇپ، تاكى بىزنىڭ نەسلىمىزنى قىرىپ تۈگىتىپ، ئۇرۇق-ئەۋلادىمىزنى تامامەن يوقىتىۋەتمىگۈچە ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ. خىتاي بىر تاجاۋۇزچى، بىر تېررور دۆلىتى بولۇپ، ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋالسىمۇ، كىيىمىنى ئۆزگەرتىۋالسىمۇ، قانۇنىنى ئۆزگەرتىۋالسىمۇ، بىزنى ئومۇميۈزلۈك يوقىتىش مەقسىتى قەتئىي ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارغا بىز ئەمەس، بىزنىڭ زېمىنىمىز لازىم.

ئۇلارنىڭ بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسى بار بولۇپ، باشقا ھېچقانداق ئادەم كۈچىگە ياكى ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجى يوق. دەل ئەكسىچە ئۇلارنىڭ بىر مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسىنى باقىدىغان يەر-زېمىن ھەم بايلىق لازىم. شۇڭا ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر، ھەرقانداق بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ھېچقانداق ئىشقا ئارىلاشمىسىمۇ، ئۆزىنى خىتايغا ھەرقانچە يېقىن تۇتسىمۇ، ھەتتا خىتاي ئۈچۈن ئىشلەپ جاسۇسلۇق قىلسىمۇ ئوخشاشلا ئۆلتۈرۈلىدۇ، چۈنكى ئۇ بەرىبىر ئۇيغۇر. ھەرقانداق ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىسى. شۇڭا خىتاي ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت دۆلىتىمىزنى بېسىۋېلىپ، مەڭگۈ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى دۈشمەن كۆرىدۇ ۋە چوقۇم يوقىتىدۇ. بۇ جەرياندا پەقەت ئىلگىرى-كېيىنلىك پەرقىلا بولىدۇ.

ئېسىمدە قېلىشىچە، خىتاي 1996-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا «7-نومۇرلۇق مەخپىي ھۆججەت»نى چىقارغان. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى دەسلەپكى قەدەمدە بۇ ھۆججەتنى ئىجرا قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن خىتاي بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك يوقىتىشنى رەسمىي قارار قىلغان. شۇڭا خەلقىمىزنىڭ مەيلى قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغان، مىليونلىغان خەلقىمىزنىڭ قېنىنى تۆككەن خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي دۈشمىنىمىزگە ھەرگىز سەل قاراپ قالماسلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكىنى، بىخۇدلۇق قىلماسلىقىنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن.

ئىلاۋە:

تۆۋەندە بۇ تېما بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان، تۈركىيە پاسپورتى بىلەن ۋەتەنگە بېرىپ، خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىدە يېتىۋاتقان كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بەش خەۋەرنىڭ ئۇلىنىشىنى قويۇپ قويدۇم.

 

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/yehya-qurban-04272021121432.html

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/turkiyelik-uyghur-lagerda-04032019165152.html

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/yehya-qurban-05182021193725.html

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/yehya-qurban-04282021163355.html

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/yehya-qurban-05172021114148.html

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

يازغۇچى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق