ئامېرىكا بىلەن خىتاي 1:1 تەڭلەشتى

ئامېرىكا بىلەن خىتاي 1:1 تەڭلەشتى

ئامېرىكا بىلەن خىتاي 1:1 تەڭلەشتى

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم 2-ئاۋغۇست مالايشىيادىن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانى بىلەن ئۇچۇپ تەيۋەنگە باردى. نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ بۇ قېتىملىق تەيۋەن زىيارىتى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ 25 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالدى.

مەن كەچتە تۈركىيەدىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە يېتىپ بارغانلىقى توغرىلىق خەۋەرلەرنى ۋە ئۇ سىياسەتچىلەرنىڭ بۇ ئەھۋالغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلىدىم. ھەرقايسى قاناللاردىكى خەلقئارالىق سىياسەتچىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى پەرقلىق ئىكەن، ھەتتا بىر-بىرىگە زىت ئىكەن. ھېس قىلىشىمچە، س ن ن، ئا خەۋەر دېگەن قاناللار ۋە بۇ قاناللاردىكى سىياسەتچىلەر ئاساسەن خىتاي تەرەپدارى ئىكەن. خەۋەر گىلوبال، ت گ ر ت دېگەن قاناللار ۋە بۇ قاناللاردىكى سىياسەتچىلەر ئاساسەن ئامېرىكا تەرەپدارى ياكى تەرەپسىز ئىكەن.

س ن ن قانىلى خەۋەرگە «ئامېرىكىنىڭ نەنسى پېلوسى دېگەن بومبىسى تەيۋەنگە چۈشتى» دەپ ماۋزۇ قويۇپتۇ. خەۋەر مەزمۇنىنى، دېيىشىۋاتقان گەپلەرنى يىغىنچاقلىغاندا، «ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى بەربات بولغان. بۇنداق بىر دۆلەتنىڭ خىتايدەك كۈچلۈك ئىقتىسادقا ئىگە، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ بىر دۆلەتكە قارشى چىقالىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەخمەقلىق» دېگەن يەرگە باردى.

ئا خەۋەر قانىلى خەۋەرگە «خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىمۇ؟» دەپ ماۋزۇ قويۇپتۇ. خەۋەر مەزمۇنىنى يىغىنچاقلىغاندا، «خوڭكوڭ 1997-يىلى خىتاينىڭ قوينىغا قايتىپ كەلدى. تەيۋەنمۇ خوڭكوڭ بىلەن ئوخشاش. تەيۋەننى پەقەت 20 ئەتراپىدا ئۇششاق ئارال دۆلەتلەرلا قوللايدۇ. ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئارقىلىق رۇسىيەنى باپلايمەن، دېدى، ئەمما ئاخىرى ئۆزى ئوسال بولۇپ، ئايىغى چىقماس يولغا كىرىپ قالدى. ئەمدى تەيۋەننى دەسمىي قىلىپ، خىتايغا ئۆزىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىناۋىتىنى تىكلىمەكچى، زىيىنىنى تولدۇرماقچى. تەيۋەن خىتاينىڭ زېمىنى. ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلاشقانلىقى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق. ئەسلىدە نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشىغا سەۋەب بولالايدۇ» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشتى.

خەبەر گلوبال بىلەن ت گ ر ت دېگەن قاناللار خەۋەرگە «ئامېرىكا خىتاينىمۇ رۇسىيەگە ئايلاندۇرماقچىمۇ؟»، «خىتاي ئامېرىكىغا ئۇرۇش ئېلان قىلىش بىلەن جاۋاب بېرەمدۇ؟»، «خىتاي ئەسكەرلىرى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. دۇنيانىڭ كۆزى تەيۋەندە» دېگەندەك ماۋزۇلارنى قويۇپتۇ. خەۋەر مەزمۇنىنى، دېيىشىۋاتقان گەپلەرنى يىغىنچاقلىغاندا، «1945-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى غەلىبە قىلغان بەش دۆلەت بىرلىشىپ قۇرغان. ئۇنىڭ بىرسى ھازىرقى تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئىدى. ئامېرىكا كېيىن تەيۋەننىڭ ئورنىغا خىتاينى تاللىغان، ئەمما تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يەنىلا ساقلاپ قالغان. ئامېرىكا ھازىر دۇنياغا مۇستەبىتلىك بىلەن ھۆكۈمران بولماقچى بولغان خىتايغا يول قويالمايدۇ. خىتاي تەيۋەننى مېنىڭ زېمىنىم، دەيدۇ. تەيۋەن بولسا ياق، مەن مۇستەقىل دۆلەت، دەيدۇ. سىياسەت ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا ئۇكرائىناغا ھەرگىز ئەسكەر ئەۋەتمەيمىز، دېدى. ئەمما تەيۋەنگە زۆرۈر تېپىلغاندا ھەربىي جەھەتتىن ياردەم قىلىمىز، دەپ كېلىۋاتىدۇ. نەنسى پېلوسىمۇ تەيۋەنگە كېلىپ، ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن: دۇنيا مۇستەبىتلىك بىلەن دېموكراتىيەنىڭ تاللىشىغا دۇچ كەلدى. ئامېرىكىنىڭ 23 مىليون تەيۋەنلىك بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم، دېدى. ئامېرىكا خىتايدەك مۇستەبىتلىك بىلەن تولغان زوراۋان بىر كۈچكە قارشى تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەنلەرگە مەركەزلەشتى.

ھېس قىلىشىمچە، جوۋ بايدېن 2021-يىلى 20-يانۋار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولغاندىن كېيىنكى بىر يېرىم يىل ئىچىدە ئامېرىكا خىتاينىڭ ئالدىدا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. كۈنلەر ۋە ئايلار ھە دېگەندە يىغىن ئېچىش، قارار ماقۇللاش دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئۆتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يىل 4-فېۋرال خىتاينىڭ 2022-يىللىق «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى»نى توسۇپ قالالمىدى. نەتىجىدە خىتاي بىلەن ئامېرىكا 1:0 بولدى دەپ قارايمەن. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى غالجىر سىياسىتىنى «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قانلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى» دەپ ئېتىراپ قىلغان ۋە دۇنياغا ئېلان قىلغان ئامېرىكا باشلىق دۇنيادىكى كۆپلىگەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلۈشى ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ خورىكىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتايپەرەس دۆلەتلەرنىمۇ خۇش قىلىۋەتتى.

مەن خېلى بۇرۇندىن تارتىپ، ئەگەر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى توسۇپ قالالىسا، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى رەسمىي ھالدا بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولىدۇ؛ ئەگەر توسۇپ قالالمىسا، بۇ ئەھۋال بىرلا ۋاقىتتا ھەم شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشى، ھەم ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ئالدىدا يەنە بىر قېتىم پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى بولىدۇ، دەپ ئويلايتتىم، ئەگەر مۇشۇنداق بولۇپ قالسىچۇ...؟ دەپ كېچە-كۈندۈز خىيال قىلاتتىم ۋە ئاخىرى قورققىنىمدەك بولغانىدى. يەنى خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بىز پەقەتلا كۆزگە ئىلىپ باقمىغان ۋە مەڭگۈ كۆزگە ئىلمايدىغان خىتاي بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق 0 گە قارشى 1 ئۈستۈنلۈك بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتكەنىدى. مەن شۇنىڭدىن كېيىن ئۆز-ئۆزۈمگە: بىز ئىشەنگەن ئامېرىكا، بىز ئىشەنگەن غەرب دۇنياسى مۇشۇنچىلىك ئىكەن... دەپ، بۇ يەرگە يېزىپ بولمايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىغانىدىم. شۇڭا مەن بۇ قېتىم جوۋ بايدېن يەنە قۇرۇق گەپ قىلىدۇ، ئامېرىكا يەنە يىغىن ئاچىدۇ، قارار ماقۇللايدۇ، يەنە يىغىن ئاچىدۇ، يەنە قارار ماقۇللايدۇ... دەپ پەرەز قىلغانىدىم. ئەمما بۇ قېتىم پەرىزىم خاتا بولۇپ چىقتى، ئامېرىكا ئاخىرى ئويغاندى. بۈگۈن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىم خىتاينىڭ ناھايىتى قاتتىق قارشىلىقى ۋە تەھدىتلىرىگە قارىماي، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانى بىلەن ئۇچۇپ تەيۋەنگە باردى. ئامېرىكىنىڭ بۇ زەربىسى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى، كۈچى، تەسىرى ۋە مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئالدىدا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ماڭا نىسبەتەن بۇ قېتىم ئامېرىكا بىلەن خىتاي 1:1 تەڭلەشكەن بولدى.

بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ئۆز خەلقىگە جاۋاب بېرىش ھەم ئىناۋىتىنى تىكلەش ئۈچۈن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىناۋىتى، تەسىرى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تەيۋەنگە تېخىمۇ ياردەم قىلىشى مۇمكىن. خەلقئارادىكى بۇ ئۆزگىرىش رۇسىيە بىلەن خىتاينى تېخىمۇ بەك يېقىنلاشتۇرۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئىتتىپاقلىشىشى مۇمكىن. ئامېرىكا خىتايغا قارشى ياپونىيە، كورىيە، فىلىپپىن، ئاۋسترالىيە، تەيۋەن، ۋىيېتنام، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى قوراللاندۇرۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى قانداقلا ئۆزگىرىشلەر بولسۇن، خەلقئارا ۋەزىيەت شەرقىي تۈركىستانغا تېخىمۇ پايدىلىق تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقى كوممۇنىست خىتاينى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى پەقەت قوراللىق كۈرەش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان قوراللىق ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشىغا شارائىت ھازىرلىيالمايدىغان ھەرقانداق ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ.

بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقىقىي تۈردە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى قوللىشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جىددىي يىغىن ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ دەرھال ئېلان قىلىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن دەرھال ئىستراتېگىيەلىك بىر پىلان تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولغاندىلا دۇنيا تىنچلىقى ئەمەلگە ئاشىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولغاندىلا، دېموكراتىيە مۇستەبىتلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولغاندىلا، پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مىللىي مەنپەئەتلىرى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان ھەقلىرى دېگەن سۆزلەرمۇ قىممىتىنى تاپىدۇ.

بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىقى بولۇشى كېرەك. تەشكىلات رەھبەرلىرى، سىياسەتچىلەر ۋە ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلار بىزگە پايدىلىق بولغان بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق ۋەزىيەتتىن تولۇق پايدىلىنىشقا ئالدىن تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك. جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ھازىرقى پايدىلىق ۋەزىيەتنىڭ نىشانىنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىنقىلابىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا بىر ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ چىقىشقا تىرىشىشى لازىم.

 

2022-يىلى 2-ئاۋغۇست

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

يازغۇچى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق