ياردەم سەپەرۋەرلىكى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

ياردەم سەپەرۋەرلىكى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

مەلۇم بولغىنىدەك، مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش، ھاتاي قاتارلىق 10 ۋىلايىتىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئېغىر دەرىجىدە يەر تەۋرىدى.بۇ يەر تەۋرەش ئاپىتى «تۈركىيە ۋە دۇنيادا مۇشۇ ئەسىردە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ تەبىئىي ئاپەت» دەپ ئاتالدى.13 مىليوندىن كۆپ ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.20-فېۋرالغىچە 42 مىڭ 310 ئادەم قازا قىلدى، يۈز مىڭدىن كۆپ ئادەم يارىلاندى.ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن يۈزدىن كۆپ دۆلەتتىن توققۇز مىڭدىن ئارتۇق جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى ياردەمگە كەلدى.شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ ئاپەت يۈز بەرگەن كۈنىدىن باشلاپ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم سەپەرۋەرلىكى قوزغىدى.

15-فېۋرال كەچ سائەت 20:00 دە تۈركىيەنىڭ 213 تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە 562 رادىيو قانىلىدا بىرلا ۋاقىتتا «تۈركىيە بىر قەلب (Türkiye Tek Yürek)» ئىسمى بىلەن ئىئانە توپلاش ھەرىكىتى باشلاندى. ھەرىكەتكە تۈركىيەنىڭ مەركىزىي بانكىسى ۋە باشقا ئەڭ چوڭ بانكىلىرى، مىلياردېرلار، داڭلىق بايلار، شىركەت خوجايىنلىرى قاتارلىقلار بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئىچى-سىرتىدىن 10 مىليوندىن كۆپ ئىدارە-ئورگان ۋە كىشىلەر ئاۋاز قوشتى.بۇ ھەرىكەتتە جەمئىي 115 مىليارد 146 مىليون 528 مىڭ لىرا (تەخمىنەن 6 مىليارد 105 مىليون 330 مىڭ 220 دوللار) ياردەم يىغىلدى.بۇ ياردەمگە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 1 مىليون لىرا نەق پۇل ياردەم قىلدى.شۇنىڭ بىرلىكتە، بىر ھەپتە ئىچىدە 7 مىليون لىرا قىممىتىدە ھەر خىل ياردەم بۇيۇملىرى ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.بۇلاردىن باشقا تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى باشقا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىمۇ ياردەم سەپەرۋەرلىكى قوزغاپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىمكانلىرىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 2-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە قىلغان ئىئانە ۋە ياردەملىرى تۆۋەندىكىچە:

1. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى: 8 مىليون لىرا قىممىتىدە نەق پۇل ۋە ماددىي ياردەم.

2. كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى: 1 مىليون 357 مىڭ لىرا نەق پۇل، ئاپەت رايونىدا كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلىۋاتقان 200 گە يېقىن پىدائىيلار ۋە باشقا ھەر خىل ئاش-تاماق قاتارلىق ياردەملەر.

3. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: 1 مىليون لىرا.

4. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار: 4 مىليون لىرا.

5. كانادا شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيەسى: 282 مىڭ لىرا.

6. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار: 680 مىڭ لىرا.

7. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار: 2 مىليون 546 مىڭ لىرا.

8. ۋېنگىرىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى: 188,500 لىرا.

9. شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى: 100 مىڭ لىرا.

10. شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى: بىر مىليون لىرا قىممىتىدە ماددىي ياردەم.

11. ئىلى مەشرەپ ۋەقفى: 120 مىڭ لىرا.

12. پىدائىيلار گۇرۇپپىسى: 130 مىڭ لىرا.

13. بۇلاردىن باشقا تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدا ھەر كۈنى 7000 كىشىلىك پولۇ تارقاتقان بولۇپ، چىقىمى تەخمىنەن 4.5 مىليون لىرا.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىستانبۇل، قەيسەرى، كونيا ۋە ئانتالىيەلەردىن ئاز دېگەندە 500 ئۇيغۇر پىدائىي قاتناشقان.

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدىن قىلىنغان، ئادەم كۈچىدىن ۋە ھەر خىل ياردەم بۇيۇملىرىدىن باشقا نەق پۇل: 23 مىليون 903 مىڭ 500 لىرا بولغان.

بۇ تۈرك لىراسىنى بۈگۈنكى پېرېۋوت نىسبىتى بويىچە ئامېرىكا دوللىرىغا ئايلاندۇرساق، تەخمىنەن 1 مىليون 267 مىڭ 523 دوللار بولىدىكەن.

ئەمدى ئۇيغۇر خەلقى ياردەم قىلغان بۇ 1 مىليون 267 مىڭ 523 دوللارنى تۈركىيە قاناللىرىدا تەشكىللەنگەن «تۈركىيە بىر قەلب» ئىئانە توپلاش ھەرىكىتىدە يىغىلغان 6 مىليارد 105 مىليون 330 مىڭ 220 دوللارغا نىسبەتلەشتۈرسەك، 0.0207% نى ئىگىلەيدۇ.

بۇ سان گەرچە ئازدەك كۆرۈنسىمۇ، يۇقىرىدا بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان بانكىلار، ئىدارە-ئورگان، شىركەتلەر، مىلياردېرلار ۋە ئون مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ھېسابقا قوشقاندا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىمىزنى كۆزدە تۇتقاندا ھەرگىزمۇ سەل قارايدىغان سان ئەمەس.

بۇ ئىقتىسادىي ياردەمدىن باشقا، 15 كۈندىن بۇيان ئاپەت رايونلىرىدا 700 ئەتراپىدا پىدائىيلار نۆۋەتلىشىپ ئىزچىل تۈردە، كېچە-كۈندۈز دېمەي جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ھەر خىل ياردەم خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى.

دۇنيادا ياردەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق خەلق بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شۇنداق بىر ھالدا تۇرۇپمۇ كۆرسەتكەن ۋاپادارلىقى، پىداكارلىقى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كۆپلىگەن رەھبەرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئاپەتنىڭ 3-كۈنى، يەنى 9-فېۋرال كەچتىن باشلاپ ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مەلۇم ئورۇن ۋە رەھبەرلەر تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم چاقىرتىلىپ سۆھبەتلەشكەن ئەھۋاللار بولدى.

تۈركىيە گەرچە خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ھەر خىل بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان بىر دۆلەت بولسىمۇ، ھەم ئۆز ئەھۋالى بىلەن قالغان بولسىمۇ، يەنىلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەر خىل ياردەم خىزمەتلىرى ئەڭ داڭلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، بىر قىسىم داڭلىق گېزىتلەر ۋە تېلېۋىزور خەۋەرلىرىدە ئېلان قىلىنىپ تۇردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سەمىمىيىتى ھەم پىداكارلىقىنى تۈركىيە خەلقىمۇ ئەلۋەتتە بىلدى. شۇڭا كۆپلىگەن تۈركلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكى، خىزمەتلىرى، ۋاپادارلىقى ۋە پىداكارلىقى ھەققىدە ۋىدىيو ئىشلەپ تارقاتتى. بۇ جەرياندا بىر تۈرك قولى جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدا قاناپ كەتكەن بىر ئۇيغۇر پىدائىينىڭ سۈرىتى بىلەن مۇنداق بىر يازما ھەمبەھرىلىدى: «خارابىلىقتا يالىڭاچ قوللىرى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان جېنىم ئۇيغۇرۇم، قېرىندىشىم، دەردىمىزنى ئۆزىنىڭ دەردى بىلگەن قېرىنداشلىرىم، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن».

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋاپادارلىقى ۋە پىداكارلىقى تۈركىيە ئىچى-سىرتىدا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، تەسىرلەندۈردى ۋە ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. چۈنكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئەمەس ئىدى. شۇڭا ھەر يىلى، ھەر ئاي يۈزلىگەن ئېھتىياجلىق ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلار «كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى»نىڭ ئالدىدا ئۇن، ياغ، گۈرۈچ، نەق پۇل، بەلگىلىك سودا سارايلىرىدىن مال سېتىۋالىدىغان پۇل چېكى، كارت، كىيىم-كېچەك قاتارلىق ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئۆچىرەتتە تۇراتتى. بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىنىڭ رەسىم ۋە ۋىدىيو خەۋەرلىرىنى كۆرگەن تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىجىل بولۇپ كېتىپ: «ۋاي بۇ خەۋەر، رەسىملەرنى نېمىشقا تارقىتىسىلەر، ئادەمنى نېمىشقا نومۇس قىلدۇرۇسىلەر، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بولغاندىن كېيىن بۇنداق داۋراڭ سالماي تارقاتمامسىلەر» دەپ قاقشاپ كېتەتتى. ئەمما داۋراڭ سالماي تارقىتىش مۇمكىن ئەمەستى. چۈنكى ئۇ ياردەمنى بەرگەنلەر تۈركلەرنىڭ، بەزى ئەرەبلەرنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل ياردەم تەشكىلاتلىرى ۋە بايلىرى ئىدى. ئۇ ياردەمنى بەرگەنلەردىن ئۇيغۇر بايلاردىن باشقىلىرى داۋاملىق ئىسپات تەلەپ قىلاتتى. كۆپ ۋاقىتلاردا بىر-ئىككى ئادىمى نەق مەيداندا بولاتتى. ئۇلارمۇ «ياردەم قىل» دەپ تاپشۇرغان پۇل ۋە مال-مۈلۈك ئىگىلىرىگە ئاشۇ كۆرۈنۈشنى ھەم ياردەم تاپشۇرۇپ ئالغۇچىلارنىڭ ئىقامەت، ئىسىم ۋە تېلېفون نومۇرلىرىنى ئاپىرىپ ئىسپات قىلىپ كۆرسىتەتتى. بۇ خىل ئەھۋال يالغۇز بىز ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ خەلقى ئارىسىدىمۇ، باشقا چەت دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە تارقىتىلىپ بېرىلەتتى. بىزنىڭ بۇنداق ياردەم قىلغۇدەك ھېچقانداق ئىقتىسادىمىز بولمىغاچقا، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ، دەرد تۆكۈپ، بەزىدە 100-50 كىشىلىك، يەنە بەزىدە بىر قانچە يۈز كىشىگە يەتكىدەك ياردەم ھەل قىلىپ، مۇشۇنداق تارقىتىشقا مەجبۇر ئىدى. ھەرقانداق يەردە داۋاملىق بەرگەن قول ئالغان قولدىن ئۈستۈن بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما بۇ قېتىم ئەھۋال دەل ئەكسىچە بولدى.

بۇ قېتىم يۈزلىگەن، ھەتتا مىڭلىغان تۈركلەر بىزنىڭ ئاپەت رايونىغا ياردەمگە بارغان پىدائىيلىرىمىز تارقاتقان تاماق ۋە باشقا ھەر خىل ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئۆچرەتتە تۇردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خېلى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەر-كادىرلار، قوماندانلار، ساقچىلار، شەھەر قوغداش قىسىملىرى، دۆلەتنىڭ ھەر خىل قۇتقۇزۇش خادىملىرى... قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. دېمەك، ئاللاھ تائالا بىزگىمۇ ئۇ ئېغىر كۈنلەردىكى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ياخشىلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش، يۈزىمىزنى يۇيۇش-ئاقلاش شارائىتى، پۇرسىتى بەردى.

دېمىسىمۇ بۇ ئاپەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكىنى، ۋاپادارلىقىنى ھەم پىداكارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر پۇرسەت بولغاندەك بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق ياردەم ئالىدىغانلا ئەمەس، ۋاقتى كەلگەندە ھەم ياردەم قىلالايدىغان، ھەتتا جېنىنىمۇ بېرەلەيدىغان ۋاپادار، ئىنسانپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىدى.

بۇ قېتىم ھېچقاچان ھېچقانداق ئىشقا پەقەتلا ئارىلاشمايدىغان، ياردەم قىلمايدىغان، پەقەتلا كارى بولمايدىغان كىشىلەرمۇ ئۆزلۈكىدىن ئالاھىدە پىداكارلىق كۆرسەتتى. ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ۋاسىتە ئارقىلىق 50 مىڭ دوللار نەق پۇل ياردەم قىلدى.

ھاياتىدا بىر قاچا لەڭمەننىڭ پۇلىنى سىياسىي خىزمەتكە ئىشلىتىڭلار، دېمەيدىغان كىشىلەرمۇ ئۆزلۈكىدىن ياردەم قىلدى. ھەتتا كىچىك بالىلار ئايلاپ خەجلىمەي يىغقان پۇل قۇتىسىدىكى پۇللىرىنىمۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بېغىشلىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار تۈركىيە خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاپەتتە ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، قېرىنداشلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ۋە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتى. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق قىلغان ياردەملىرى بەزى دۆلەتلەردىنمۇ كۆپ ھەم ۋاقتىمۇ ئۇزۇن بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئاز ساندىكى بەزى كىشىلەر بۇ ياردەم سەپەرۋەرلىكىگە قارشى چىقتى. ئۇلاردىن بەزىلىرى تور-مۇنبەرلەردە داۋاملىق «تەشكىلاتلار خەجلىگەن پۇلنىڭ ھېسابىنى بەرسۇن» دەپ دەۋا قىلاتتى. بۇ قېتىم پۇلنىڭ ھېسابىنى بەرگەنىدى، ئەمما ئاجايىپ بىر قىسما بولۇپ كەتتى.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ياردەم سەپەرۋەرلىكىگە بولغان پىكىر، كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىنى فېيسبۇك، ۋاتسئەپ... قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا (قىسقىچە) تۆۋەندىكىدەك بىلدۈردى:

- ئۇيغۇرلار يەنە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى. ئۇيغۇرلار بۇ قېتىم يەنە بىر قېتىم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدۇق. تۈركىيە بىزنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىمىز. بىز ئاش، تۇز يەۋاتقان يۇرت. مۇشۇنداق بىر تارىخىي پۇرسەتتە دەرنەكچىلىك، شەخسىيەتچىلىك قىلىپ بىرلىشەلمىدۇق. راست پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار سەپەرۋەر بولدى. ئەمما پۈتۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردانى، ۋاتسئەپ توپلىرىنى پەقەت ئۆزىمىز تارتقان ۋىدىيو، رەسىملەر قاپلاپ كەتتى. ئۇنىمۇ كۆرگەنلەر يەنىلا ئۇيغۇرلار. ھېچ بىر رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنمىدى... ئۇيغۇرلار يەنە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى...

- كۆتۈمدە ئىشتان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى...

- خەۋەرگە چىقىش ئۈچۈن ياردەم قىلىۋاتىدۇ...

- پۇل جىق بۇلاردا، قورساق بىكارغا چىقمايدۇ...

بىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىنى قىلىۋاتىمىز. بۇ جەرياندا داۋاملىق ئىقتىساد ئەڭ مۇھىم، بىرىنچى ئامىل بولۇپ كەلدى. سىياسىي خىزمەت دېگەندە، تەشكىلات ئىشخانىلىرىنىڭ ئىجارىسى، تور، توك، گاز، سۇ، ھەر قېتىملىق يىغىنلار، نامايىشلار، پائالىيەتلەر... ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ بۇل كېتىدۇ. تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ خەزىنىسىنى ئېلىپ چىقمىغان. ئومۇمىي خەلقىمىزدە ئىقتىسادقا كۆڭۈل بۆلۈش ئەھۋالى ئاساسەن يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن تەشكىلاتلىرىمىز داۋاملىق ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇلار قىسقىچە تۆۋەندىكىچە:

1. داۋالىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان كېسەللەرنى داۋالىتىش؛

2. ئۆي ئىجارىسى تۆلىيەلمىگەنلەر ئۈچۈن ياردەم قىلىش؛

3. باققۇچىسى يوق تۇل ئاياللارغا ياردەم قىلىش؛

4. يېتىم بالىلارغا ياردەم قىلىش؛

5. ئىشسىزلىقتىن قىيىنچىلىق تارتىپ قالغانلارغا ياردەم قىلىش؛

6. ئوقۇشتا قىينىلىپ قالغانلارغا ياردەم قىلىش؛

7. مەكتەپلەر... قاتارلىقلار.

خەلقىمىز بولسۇن ياكى تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى باشقا ياردەم تەشكىلاتلىرى ۋە ياردەم قىلغان كىشىلەر بولسۇن، قانچىلىك ياردەم قىلسا، قىلغان ياردىمىنى نېمىگە، كىمگە ۋە قانداق ئىشلارغا ئىشلىتىش ھەققىدە شەرت قويۇپ ياردەم قىلىدىكەن. مەسىلەن: بىر قىسىم كىشىلەر سىياسىي خىزمەتكە، بىر قىسىم كىشىلەر مائارىپقا، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆي ئىجارىسى تۆلىيەلمىگەنلەرگە، كېسەللەرگە، باققۇچىسى يوق تۇل ئاياللارغا، يېتىم بالىلارغا... دېگەندەك. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئۆي ئىجارىسى دەپ بەرگەن پۇلنى كېسەلگە، تۇل ئاياللارغا دەپ بەرگەن پۇلنى يېتىم بالىلارغا، ئۇنىڭغا دەپ بەرگەن پۇلنى بۇنىڭغا ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن. يەنى تەشكىلاتلار ياردەم قىلىنغان پۇلنى نېمىگە ئىشلىتىڭلار دېسە شۇنىڭغا ئىشلىتىدۇ.

يۇقىرىدا يېزىلغاندەك، ياردەم بەرگۈچىلەر ئۆزلىرى ياردەم قىلغان نەق پۇل قاتارلىق ھەرقانداق ياردەمنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغان بولغاچقا، ھەم ئەخلاق نۇقتىسىدىن، ھەم ئىسلام دىنىمىزنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ئامانەتنى جايىغا تەگكۈزۈش كېرەك ئىكەن. شۇڭا بۇ قېتىم خەلقىمىزنىڭ بەرگەن ياردىمى ئومۇميۈزلۈك «تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارغا» دەپ بېرىلگەچكە، شۇ بويىچە جايىغا يەتكۈزۈپ بېرىلدى.

20-فېۋرال چۈشتىن كېيىن 15 كىشىدىن تەركىب تاپقان 3-تۈركۈمدىكى شەرقىي تۈركىستان ياردەم پىدائىيلىرى چوڭ بىر يۈك ماشىنىسىغا بېسىلغان ھەر خىل ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى.

مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، نەق پۇل ۋە باشقا ھەر خىل ياردەم بۇيۇملىرى ئارقىلىق قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغان بارلىق خەلقىمىزگە، جاپاكەش تەشكىلات رەھبەرلىرىگە، ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي ئاپەت رايونلىرىغا بېرىپ، تۈركىيە خەلقىدىن، جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش خىزمىتى قىلىۋاتقان پىدائىيلىرىمىزدىن ھال سورىغان ئالىملىرىمىزغا، بارلىق پىدائىيلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بارلىق خەلقىمىزنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۈمىدى بولغان تەشكىلاتلىرىمىزنى ھەم بارلىق سىياسىي خىزمەتلەرنىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىي ياردەم قىلىش ئارقىلىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز ياردەم قىلساق تەشكىلاتلىرىمىز كۈچىيىدۇ، تەشكىلاتلىرىمىز كۈچەيسە ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىل بولىدىغان كۈنى بىر كۈن بولسىمۇ يېقىنلىشىدۇ.


2023-يىلى 23-فېۋرال

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

يازغۇچى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق