خىتاينىڭ ئىنتېرپولنى سۇيىئىستېمال قىلىشى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا

خىتاينىڭ ئىنتېرپولنى سۇيىئىستېمال قىلىشى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا

خىتاينىڭ ئىنتېرپولنى سۇيىئىستېمال قىلىشى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا

 

(بۇ ماقالە تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللىرىدىن بىرى بولغان «خەۋەر ئاجاندا ژۇرنىلى»نىڭ تور بېتىدە 22-نويابىر تۈركچە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تەلەپكە بىنائەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى) 

 

ئاپتورى ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى: مەتە خان قەشقەرىي

 

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى (ئىنتېرپول)نىڭ 89-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ئەتە (23-نويابىر) ئىستانبۇل خالىچ قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىندا ئىنتېرپول رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلەر ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى سايلاپ چىقىلىدۇ. 23-نويابىردىن 25-نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا 155 دۆلەتتىن 645 ۋەكىل قاتنىشىدۇ. 25-نويابىر ئىنتېرپول ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ۋە ئەزالىرى سايلىنىدۇ. خالىچ قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا 15 مىنىستىر، 9 مۇئاۋىن مىنىستىر، 4 باش كاتىپ، 17 خەلقئارالىق تەشكىلات ۋەكىلى ۋە ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن 51 ساقچى ئىدارىسى باشلىقى سەۋىيەسىدە بىيۇروكرات قاتنىشىدۇ.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا سىياسىي تەشكىلاتلار خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى ئۈچۈن ئىنتېرپولنى سۇيىئىستېمال قىلىش خەۋپى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا 20 دىن ئارتۇق ۋەقفى ۋە جەمئىيەتلەر ئىنتېرپول ئىجرائىيە ھەيئىتى باشلىقلىق سايلىمى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنى بېلەت تاشلاشتا تېخىمۇ سەزگۈر بولۇشقا ۋە خىتاي نامزاتىنى قوللىماسلىققا چاقىردى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتتا مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرپولدىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ خەلقئارالىق قىممەت قاراشلارغا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۇنيا تەرتىپىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا «بۇ مەسىلىلەردە بىز بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولغان ۋە خەلقئارالىق قىممەت قاراشلارنى قوغداشنى قوللايدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، پالاتا ئەزالىرى ۋە دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن ئورتاق ئەندىشىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېيىلگەن بولۇپ، بولۇپمۇ تۈركىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرنى بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل قاراپ، يېڭى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ تېخىمۇ ئادىل ۋە ئىنتېرپولنىڭ نىشانىغا ماس ھالدا شەكىللىنىشى ئۈچۈن خىتاي نامزاتىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

خىتاي بولسا ئىنتېرپولنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ رەئىسلىكىگە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئەمەلدارى خۇ بىنچېننىڭ سايلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەمكارلىق بۆلۈمىنىڭ باش ئەمەلدارى خۇ بىنچېن ئىنتېرپول ئىجرائىيە كومىتېتى ئاسىيا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئىككى ئورۇن ئۈچۈن سايلامغا چۈشكەن ئۈچ نامزاتنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەكتە. خۇ بىنچېن 2021-يىلى 23-نويابىر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا رىقابەتكە چۈشىدۇ.

13 كىشىلىك ئىجرائىيە ھەيئىتى ئىنتېرپول باش كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە كەلگۈسى سىياسەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئەمما مۇستەبىت خىتاي رېجىمى ياكى ئورگانلىرىنىڭ ئىنتېرپول سىستېمىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۆكتىچىلەرگە پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى توغرىسىدا شىكايەتلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. چۈنكى خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۆكتىچىلەرگە ئاساسسىز باھانىلەر بىلەن ئىنتېرپولدىن قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئىجرا قىلىنماي كەلمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق سىياسىي تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئىنتېرپول مەلۇمات ئامبىرىنى خىتايغا قارشى كىشىلەرنى نابۇت قىلىش ئۈچۈن قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئىنتېرپول ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپىسى

ئىنتېرپول ئىجرائىيە كومىتېتى 13 مۇدىردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىجرائىيە كومىتېتى باش كاتىپ ۋە باش كاتىپ ئىشخانىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، شۇنداقلا خىزمەت پىلانى ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈشكە ياردەملىشىشكە مەسئۇل. ئىنتېرپول يەنە «تاپشۇرۇپ بېرىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان شەخسلەرنى تېپىش ۋە ۋاقىتلىق قولغا ئېلىش» ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى سىستېمىسىنىمۇ ئىشقا سالىدۇ. كىشىلەر ۋە مال-مۈلۈكلەرنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ئىگە. ئىنتېرپولنىڭ خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا تەۋە بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئارخىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بار. خىتاينىڭ بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئارخىپى ئىنتايىن قېلىن. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھەر يىلى ئىنتېرپولغا تەخمىنەن 3000 دېلو يوللايدۇ. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 15-نويابىردا ئېلان قىلغان بىر دوكلات خىتاي تەرىپىدىن چىقىرىلغان «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» سانىنىڭ 2000-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 10 ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «Safeguard Defenders»نىڭ دوكلات قىلىشىچە، خۇ بىنچېن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغان خىتاي مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق بۆلۈمى چەت ئەللەردىكى قاچقۇنلارنى قوغلايدىغان «Sky Net» ۋە «Fox Hunt» ناملىق ھەرىكەتلەرنى بىۋاسىتە نازارەت قىلغان.

«Safeguard Defenders» ئالدىنقى دۈشەنبە (15-نويابىر) ئېلان قىلغان دوكلاتتا خۇ بىنچېننىڭ نازارىتى ئاستىدىكى ئەترەتنىڭ مىنىستىرلىق تەرىپىدىن خىتاي پۇقرالىرىنى قورقۇتۇش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە ئۇلارنى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئوخشىمىغان پارتىيەلەردىن تەركىب تاپقان «خىتايغا قارشى دەرىجىدىن تاشقىرى پارلامېنتلار بىرلىكى» بۇ ئەھۋالغا ئوچۇق-ئاشكارا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بولۇپمۇ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۆكتىچىلەرگە قارىتا «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىش ئۈچۈن ئىنتېرپولدىكى ئورنىدىن خاتا پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلدى.

«خىتايغا قارشى دەرىجىدىن تاشقىرى پارلامېنتلار بىرلىكى»نىڭ ئىنتېرپولغا يازغان مەكتۇپىدا «خۇ بىنچېننىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتىگە سايلىنىشى خىتاينىڭ ئىنتېرپولنى داۋاملىق سۇيىئىستېمال قىلىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىدۇ ھەمدە خوڭكوڭلۇقلار، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە ئوخشاش چەت ئەللەردە ياشايدىغان خىتايغا قارشى شەخسلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. مەسىلەن: ماراكەشتە خىتاينىڭ دەلىلسىز قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى ئارقىلىق قولغا ئالدۇرغان ئۇيغۇر ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى. 

2021-يىلى 19-ئىيۇلدا ساياھەت ۋىزىسى بىلەن ماراكەشنىڭ كاسابلانكا شەھىرىگە بارغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ئىدرىس ھەسەن خىتاينىڭ ئىنتېرپولغا ئىسپاتسىز يوللىغان تەلىپىگە ئاساسەن ماراكەشتە قولغا ئېلىنغان. ئاندىن 2-ئاۋغۇست ئىنتېرپول دەلىل-ئىسپات يېتەرلىك بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەن ئۈچۈن تارقىتىلغان قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنى ۋاقتىنچە توڭلاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ماراكەش دائىرىلىرى ئىدرىس ھەسەننى خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن تېفرىتتىكى قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرماقتا. ئەگەر ئۇ خىتايغا قايتۇرۇلسا، قىيىن-قىستاق ۋە ئۆلۈم لاگېرلىرىغا تاشلىنىدىغانلىقى ئېنىق. ماراكەش سوتى ئىدرىس ھەسەننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ تېخى قارار قىلىنمىغانلىقىنى ۋە سوت كۈنىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ماراكەشنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا بارغانلىقىنى ۋە بىگۇناھ يولدىشىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ھەمدە سوتنىڭ قارارىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

«ئەرەب ئاگېنتلىقلىرى» ۋە «ئافرىقا ئاگېنتلىقلىرى» قاتارلىق ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئەگەر ئۈچ پەرزەنتلىك ئىدرىس ھەسەن خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە، تەن جازاسىغا ۋە قىيىن-قىستاققا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.

خىتاينىڭ ئىنتېرپولنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا ئائىت بۇنىڭغا ئوخشاش نەچچە ئونلىغان مىساللارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. نېمە ئۈچۈنكىن-تاڭ، خىتاي ئىنتېرپولدىن دەلىل-ئىسپاتسىزلا قىزىل رەڭلىك ئۇقتۇرۇشلارنى تېزلا چىقىرالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم تۈرك دۇنياسىنىڭ قەلبى بولۇش ماھىيىتىگە ئىگە ئىستانبۇلدا، ئەگەر خىتاي بىخەتەرلىك ئەمەلدارى خۇ بىنچېن ئىنتېرپول ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىدىغان بولسا، خىتاينىڭ يەنە نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى، قېنى، ئەمدى سىز تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ!

شۇڭلاشقا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا «تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ ئىنتېرپولنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشىغا ياق!»، «خىتاينىڭ ئىنتېرپولنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۆكتىچىلەرنى جىمىقتۇرۇشىغا يول قويماڭلار!»، «23-نويابىر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېلەت تاشلاشتا خىتاينىڭ ئىنتېرپولنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىشى ئىنتېرپولنىڭ خىتاي قورچىقىغا ئايلىنىدىغانلىقىدۇر» دېگەن شوئارلىرى بىلەن نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

قېنى ئەمىسە «ئىنتېرپول زادى نېمە؟» دېگەن سوئالغا كېلەيلى!

ئېسىڭىزدە بولۇشى مۇمكىن، 2019-يىلى خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى (ئىنتېرپول) نىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان خىتاي مېڭ خۇڭۋېينىڭ يوقاپ كېتىشى بۇ ئورگان ھەققىدە چېگىش سوئاللارنى پەيدا قىلغان ۋە ئىنتېرپولنىڭ ئۆز رەئىسىنىڭ ئورنىنى نەچچە كۈنگىچە بىلەلمەسلىكى تالاش-تارتىشلارغا يول ئاچقان ئىدى. 65 ياشلىق مېڭ خۇڭۋېي 2019-يىلى 9-ئايدا فىرانسىيەدىن خىتايغا بارغاندا تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەنىدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن خەلقئارانىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن مۇستەبىت خىتاي رېجىمى مېڭ خۇڭۋېينى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، خىتاي سوتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىنتېرپول قانداق ئورگان؟ ھەقىقىي ساقچى قىسىممۇ؟

ئىنتېرپول كۆپىنچە كىنولاردا كۆرسىتىلىدىغان ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ياكى مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (CIA) قاتارلىق بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ . ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ ئورگانلار ئارىسىدا زور پەرق بار. ئىنتېرپولنىڭ بىۋاسىتە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنى سۈپىتىدە خىزمەت قىلالمايدۇ.

ئۇنداقتا ئىنتېرپولنىڭ قۇرۇلۇش نىشانى نېمە؟ ئورگاننىڭ پائالىيەت ساھەلىرى قايسى؟ قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟

ئىنتېرپول 1923-يىلى ساقچىلارنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان. باش ئىشتابى فىرانسىيەنىڭ لىئونغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ تەشكىلات 190 دۆلەتنىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن، بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان جىنايەتچىلەرنىڭ تۇتۇلۇشى ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىنتېرپولنىڭ ئەزا دۆلەتلەردىكى ئادۋوكاتلار ئۇيۇشمىلىرى ئارقىلىق ھازىرچە ھەل قىلىنمىغان جىنايەتلەر ۋە جىنايىتى ئىسپاتلانغان ياكى ئىسپاتلانمىغان جىنايەتچىلەرنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەلۇمات ئامبارلىرىغا ئىگە. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى بۇ ئورگان ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاپ، باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىلىشالايدۇ. بۇ ئارقىلىق ساقچى ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرى ۋە ھۆججەتلىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىخەتەر ئالماشتۇرالايدۇ.

مەسىلەن: تۈركىيەنىڭ ساقچى ئىدارىسى، دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى قوماندانلىق ئىشتابى، ژاندارما باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە تاموژنا باش مەھكىمىسى ئىنتېرپول بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئورگانلاردۇر. تۈركىيە 1930-يىلى ئىنتېرپولغا ئەزا بولغان بولۇپ، ئامېرىكا يەكلىنىش دەۋرىدىن كېيىن 1961-يىلى بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان.

ئىنتېرپول قايسى ساھەلەردە پائالىيەت قىلىدۇ؟

ئىنتېرپول خەلقئارالىق سالاھىيەتكە ئىگە رايونلاردا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى مەشغۇلات ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك، تېررورلۇق، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، ئىقتىسادىي ۋە ئىلغار تېخنىكا جىنايىتى، ئادەم ئەتكەسچىلىكى، بالىلارغا قارىتىلغان جىنايەت ۋە قورال ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە پائالىيەت قىلىدۇ. ئۇرۇش جىنايىتى، خىمىيەلىك، بىيولوگىيەلىك، يادرو ۋە پارتلاتقۇچ ماتېرىياللار بىلەن سادىر بولىدىغان جىنايەتلەر قاتارلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە چېتىشلىق ساھەلەردىمۇ كۈرەش قىلىشقا تىرىشىدۇ. لېكىن كۆپىنچە كىنولاردا كۆرسىتىلگىنىنىڭ ئەكسىچە ئىنتېرپولدا ئىشلەيدىغان ساقچىلار نەق مەيداندا بىۋاسىتە مەشغۇلات قىلالمايدۇ ۋە مەشغۇلاتلارغىمۇ قاتنىشالمايدۇ.

ئىنتېرپولنىڭ ئۇقتۇرۇشلىرى نېمىگە يارايدۇ؟

جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان خەلقئارالىق ئۇقتۇرۇشلار سىستېمىسى ئىنتېرپولنىڭ ئەڭ مۇھىم فۇنكسىيەسىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىدۇ. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جىنايەت ۋە جىنايەتچىلەر ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدىغان ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى تەلەپ قىلىدىغان سەككىز خىل ئۇقتۇرۇش مەۋجۇت. بۇ ئۇقتۇرۇشلار ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك مەركىزىي ئورۇنلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تەشكىلاتنىڭ تۆت تىلىدا (ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، ئىسپانچە، ئەرەبچە) ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ خەلقئارالىق ئۇقتۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق باغلىنىشنى كۈچەيتىش ۋە جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنى تېپىش ۋە تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئۇقتۇرۇشلارنى ئېلان قىلىدۇ.

قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى دېگەن نېمە؟ قانداق ئىشلىتىلىدۇ؟

بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى، قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى بولۇپ، بىرەر ئەزا دۆلەت ياكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ئىزدەۋاتقان كىشى ياكى كىشىلەرنى تۇتۇش ۋە تەلەپ قىلىنغان دۆلەت ياكى سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەقسىتىدە چىقىرىلىدۇ. بىر كىشىنىڭ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى بىلەن ئىزدىلىشى ئۈچۈن ئەزا دۆلەت ئالدى بىلەن بۆلۈم باشلىقلىرى ئارقىلىق گۇماندارغا تەۋە زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنى ئىنتېرپولغا يوللايدۇ ھەمدە خەلقئارالىق ئىزدەشنى ۋە تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئىنتېرپول باش كاتىبات باشقارمىسى مەزكۇر كىشىنى ئىزدەشنىڭ ئىنتېرپولنىڭ ئىچكى ئۆلچەملىرىگە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ. ئاخىرقى باسقۇچتا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساقچى تارماقلىرى قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان كىشىنى ئىزدەش ۋە قولغا ئېلىش توغرۇلۇق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىنىدۇ. قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇققا ئاساسەن قانداق ھەرىكەت قىلىش ھەر بىر ئەزا دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ئوخشاشمايدۇ. شۇڭلاشقا «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىدا تىلغا ئېلىنغان كىشى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە كۆرۈلگەن ھامان تۇتۇلىدۇ ۋە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ» دېگەن قاراش قانۇنىي نۇقتىدىن توغرا ئەمەس.

بولۇپمۇ خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ھازىر قانچىلىك كىشىنىڭ ئىزدىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ئىنتېرپولنىڭ ئاممىغا ئوچۇق مەنبەلىرىدە ھەمبەھرىلەنمەيدۇ. يەنە شۇنىڭدەك، خىتاي ئىزدەۋاتقان كىشىلەرنىڭ قايسى ئەيىبلەشلەر بىلەن ئىنتېرپولغا دوكلات قىلىنغانلىقىمۇ ئاشكارا ئەمەس. خىتاينىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىنتېرپول سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى چەت ئەللەردە خاتىرجەم ياشاتقۇزماسلىق، قايتىپ كېلىشكە ۋە ناتسىستلارچە لاگېرلىرىدا ماڭقۇرت بولۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم بىر ھەقىقەت. تۈركىيەدە پات-پات ئۆيلىرىدىن تۇتۇلۇۋاتقان ۋە دەلىل-ئىسپات يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ياكى بىر نەچچە ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە مۇستەبىت خىتاي رېجىمىنىڭ ئىنتېرپولدىن قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش نەيرەڭۋازلىقى ئاساسلىق رول ئوينىماقتا.

مەتە خان قەشقەرىي

مەتە خان قەشقەرىي

يازغۇچى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق