كۈچلۈك مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز لازىم؟

كۈچلۈك مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز لازىم؟

كۈچلۈك مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز لازىم؟

 

ئاللاھ سۇبھانەۋەتائالا كۈچلۈك مۇسۇلمانلارنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدىن بىلمەيدىغىنىمىز يوق دېيەرلىك بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ھەقىقىي چارە ئىزدەۋاتقانلىرىمىز قانچىلىك؟ بۇ ھەقتە ھەممىمىز ئۆزىمىزنى بىر كۆزىتىپ، ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرەك، دەپ قارايمەن.

«كۈچلۈك مۇسۇلمان» دېگەن ئىبارىنى «ئىماندا، بىلىمدە، مالدا، جىسمانىي قۇۋۋىتىدە كۈچلۈك بولغان مۇسۇلمان» دەپ چۈشەنسەك (ئەلۋەتتە شۇنداق چۈشىنىشىمىزدە بىر خاتالىق يوق)، ئاللاھنىڭ بۇ كۈچلۈكلەردىن بولۇشقا قادىر بولالىغۇدەك ئىمكانىيەت ۋە ئەقىلنى بىزگە يەتكۈچە بەرگەنلىكىگە ئىشىنىمىز، ئەلۋەتتە.

ناۋادا مالدا كۈچلۈك بولۇش، يەنى ھەر يەرگە قولىنى سۇنسا يېتىدىغان بايلاردىن بولۇشتىن نېسىۋىمىز بولمىغاندىمۇ، كۆڭلى، كۆزى توق باي بولۇش ھەممىمىز تىرىشساق ئېرىشەلەيدىغان بايلىقتۇر. ساغلام تەن ۋە ساغلام روھ بولسا ئاللاھ بىزگە بەرگەن ئەقىل بىلەن يېمەك-ئىچمەكتە ھالال، پاكىز ۋە پايدىلىق بولغانلارنى تاللاپ يېيىش، بەدىنىمىزگە زىيانلىق بولغان نەرسىلەردىن، شۇنداقلا زېھنىمىزگە، روھىمىزغا زىيانلىق بولغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشتا ئاللاھنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن ياشاشقا تىرىشىش بىلەن قولغا كېلىدىغان كۈچلۈكلۈكتۇر.

ئىماندا كۈچلۈك بولۇشقا كەلسەك، ھەر ۋاقىت ئىماننى كۈچلەندۈرىدىغان ئىلىملەر، ئەمەللەر بىلەن ۋە ئىمانىمىزنى كۈچلۈك ساقلاشتا ياردەمدە بولىدىغان مۇھىت، دوست، جامائەت بىلەن بىرگە بولۇش ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان كۈچلۈكلۈكتۇر.

ئىلىمدە كۈچلۈك بولۇش بولسا، ئاللاھنىڭ «ئوقۇ» ئەمرىگە پۈتۈنلەي بويسۇنۇپ، ئاللاھنىڭ قۇرئانىنى، قۇرئاندا بۇيرۇلغان ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان بارلىق ئىلىملەرنى ئۈزلۈكسىز، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان كۈچلۈكلۈكتۇر.

خوش، ئۇنداقتا يۇقىرىقىدەك مۇلاھىزە يۈرگۈزگىنىمىزدە بىزنىڭ كۈچلۈك بولالماسلىقىمىزغا ھېچقانداق بىر سەۋەب قالمىدىغۇ دەيمەن؟ بېشىمىزغا كېلىۋاتقان بەزى مۇسىبەت ۋە مۈشكۈلچىلىكلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىگە قارىساقمۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەر جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىمىزدىن كەلمىدىمۇ؟ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ رېئال بولغان ھازىرقى ئەھۋالنى ئېلىپ ئېيتساق، يەنىلا بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزدىن بولمىدىمۇ؟

تارىختا ئاتا-بوۋىلىرىمىز شۇنچىلىك شانلىق تارىخنى ياراتقانىدى. ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ئەزالىرى بىزنىڭكىدىن ئارتۇقمىدى ياكى ئۇلارغا ئاسماندىن ئالتۇن-كۈمۈش ياغقانمىدى ۋە ياكى ئۇلار تۇغۇلۇشتىنلا ئىلىم-ئېرپان ئىگىسى بولغانمىدى؟ جاۋابىمىز ئەلۋەتتە «ياق!». بىراق ئۇلاردا ئارتۇق بولغىنى كۈچلۈك ئىمان ئىدى، كۈچلۈك ئىرادە ئىدى، ئىلىمگە بولغان ئىشتىياق ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆزى توق، بىلىكى توم، يۈرىكى قاپلان ئىدى. ئۇلار سانىنىڭ ئاز بولۇشىدىن، قوراللىرىنىڭ دۈشمەننىڭكىدىن ئاددىي بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلمىغانىدى، ئىمكانىيىتىنىڭ ئاز بولۇپ قېلىشىدىن قورقمىغانىدى. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى كۈچلۈك، دەپ قارايتتى، ئۆزلىرىنىڭ «ئىرادە كۈچلۈك بولسىلا، يەڭگىلى بولمايدىغان مۈشكۈلات يوق» دەپ قارايدىغان پىرىنسىپى بىلەن ھازىرقى بىزدىن كۈچلۈك ئىدى، ئىماننىڭ كۈچىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن بىزدىن كۈچلۈك ئىدى. مال-دۇنياسىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن كۈچلۈك بولۇشتىن بەكرەك، كۆزىنىڭ توقلۇقى، قەلبىنىڭ بايلىقى بىلەن كۈچلۈك بولغانلىقىدەك تەرەپتىن بىزدىن كۈچلۈك ئىدى. بىلىمنىڭ كۈچ ئىكەنلىكىنى بىلىش ۋە توختىماي بىلىم كويىدا بولغانلىقىدەك كۈچلۈكلۈكى بىلەن بىزدىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلارنىڭمۇ بىرلا جېنى بار ئىدى. بىراق ئۇلار شۇ بىر جېنىنى نەگە، نېمىگە ئاتاش، ئۆمرىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى قانداق ئۆلچەش... جەھەتلەردىكى كۈچلۈكلۈكى بىلەن بىزدىن كۈچلۈك ئىدى.

بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز تۆگىسىنى باغلىمايلا ھۇزۇرىغا كىرگەن ساھابىدىن: «تۆگەڭنى باغلىدىڭمۇ؟» دەپ سورىغان ۋە ئۇ ساھابىنىڭ: «مەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم» دېگەن جاۋابىغا قارىتا: «ئالدى بىلەن تۆگەڭنى باغلاپ بولۇپ، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىل» دېگەن ھەدىسىنى چۈشىنىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى جەھەتتە بىزدىن كۈچلۈك ئىدى.

ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈك مۇسۇلماننى ياخشى كۆرىدۇ. يەنى ئاللاھ بەرگەن ئەقىلنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە تىرىشقان كۈچلۈك مۇسۇلمانلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ ئۆزى ئاتا قىلغان مال-دۇنيا، ئەقىل ۋە ئىمكانىيەتلەردىن توغرا يولدا پايدىلانغان، ياخشى پۇرسەتلەردىن ئۈنۈملۈك، جايىدا ئىشلىتىپ، مال-دۇنيادا كۈچلۈك بولغان ۋە ئۇ مال-دۇنيا بىلەن ھەق يولنى، ھەق يولدا قىلىنغان خىزمەتلەرنى كۈچلەندۈرگەن مۇسۇلمانلارنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئاللاھ جىسمانىي ساغلىقىنى ئاسرىغىنىدەك، روھىنى ھەم ساغلام تۇتقان، مەنىۋىيىتى، ئىرادىسى كۈچلۈك، قايغۇدىن يىقىلىپ قالمىغان، يوقلۇقتىن ۋايسىمىغان، چارىسىزلىكتىن گاڭگىرىمىغان، مۇسىبەتتىن شىكايەت قىلىپ، كېلىشمەسلىكنى باشقىلارغا دۆڭگەپ، ئىمكانسىز كۆرۈنگەن سىناقلاردىن چۈشكۈنلەشمىگەن مۇسۇلماننى ياخشى كۆرىدۇ.

قىسقىسى ھەر ۋاقىت ئاللاھقا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ كۈچلۈك مۇسۇلمانلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ۋە بۇ يولدا يۆلىنىۋالغۇچى ئەمەس، يۆلەنچۈك بولىدىغان، تىلىگۈچى ئەمەس، تەمىنلىگۈچى، دەرد تۆككۈچى ئەمەس، دەردلەرگە داۋا تاپقۇچى، يولىدىن ئېزىپ قالغۇچى ئەمەس، يول كۆرسەتكۈچى بولغان كۈچلۈك مۇسۇلمانلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ ئۈچۈن كۈچلۈك بولغان مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ھەر ۋاقىت ئېرىشىدىغان مۇسۇلماندۇر. ئاللاھقا يۆلىنىپ ئىككى دۇنيالىق قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇشىمىز دەل بىزنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك پەرزىمىزدۇر. بولۇپمۇ ھازىر، بولۇپمۇ دەل ھازىر.

 

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر 

2021-يىلى 26-نويابىر، ئىستانبۇل

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

يازغۇچى
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق