2021-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم ۋەقەلەر

2021-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم ۋەقەلەر

2021-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم ۋەقەلەر

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

2021-يىلى شەرقىي تۈركىستان ھەم ئۇيغۇر مەسىلىسى رەسمىي ھالدا خەلقئارالىشىپ، دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلگەن بىر يىل بولدى. پۈتۈن دۇنيا 21-ئەسىردە تاجاۋۇزچى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شاھىت بولدى. ئامېرىكا قاتارلىق بىرقىسىم غەرب دۆلەتلىرى خەلقئارالىق قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ، خىتاي تەرىپىدىن ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى دۇنيادىكى دىپلوماتىك، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلەرگىچە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىگىچە بېرىپ يەتتى.

بىز بۇ يازمىمىزدا 2021-يىلى بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم ۋەقەلەرنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك «چۈمۈلە گۇرۇھى»نىڭ ئالىپاي (Alipay) ۋە تېڭشۈن شىركىتى قاتارلىق سەككىز يۇمشاق دېتالنىڭ ئاچقۇچىلىرى ۋە كونترول قىلغۇچىلىرى بىلەن سودا قىلىشنى چەكلىدى.

1-ئاينىڭ 8-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن، تۈركىيە پارلامېنتى (بۈيۈك مىللەت مەجلىسى) رەئىسى مۇستافا شەنتوپ بىلەن ئۇچرىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق خىتاينىڭ تۈرمە ۋە نەزەربەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇنداقتىمۇ ھەقنى سۆزلەش ۋە يېزىشتىن يانمىغان پېشقەدەم شائىر، ئەدىب، تارىخچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى 82 يېشىدا تۈرمىدە خىتايلار تەرىپىدىن شېھىت قىلىندى.

1-ئاينىڭ 12-كۈنى پىرېزىدېنت تىرامپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاي ئارمىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىدى. نىيۇيورك ئاكسىيە بازىرى بۇ بۇيرۇققا بىنائەن خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركىتىنىڭ نىيۇيورك ئاكسىيە بازىرىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكىدا يېڭى پىرېزىدېنت ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشقا بىر كۈن قالغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلدى.

 

2-ئاينىڭ 5-كۈنى «غۇلجا قىرغىنچىلىقى»نىڭ 24-يىللىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خاتىرىلەندى.

2-ئاينىڭ 22-كۈنى كانادا پارلامېنتى تولۇق ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان تېررور سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى.

2-ئاينىڭ 23-، 24-كۈنلىرى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت ئەنقەرەگە بېرىپ تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم دۆلەت ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلىپ، مۇھىم سۆھبەتلەردە بولدى. مەزكۇر ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دوكتور ئەركىن ئەمەت، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپتى.

2-ئاينىڭ 25-كۈنى گوللاندىيە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلدى. گوللاندىيە بۇ قارارى ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن دۆلەت بولۇپ قالدى.

2-ئاينىڭ 25-كۈنى 180 خەلقئارالىق تەشكىلات 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

2-ئاينىڭ ئاخىرىدا گېرمانىيەنىڭ 2021-يىللىق «نيۇرېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستانلىق قازاق لاگېر شاھىتى سايراگۈل سائۇتبايغا بېرىلدى.

 

3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكىدىكى «ھەممىگە ئادالەت تەشكىلاتى» 2021-يىللىق «قەھرىمان» مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەشكىلات بۇ يىللىق مۇكاپاتنى مەخسۇس ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىغان تۆت شەخس ۋە بىر تەشكىلاتقا ئاتالغان بولۇپ، لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم ئۇيغۇر قەھرىمان پائالىيەتچى كاتېگورىيەسى بويىچە 2021-يىللىق «قەھرىمان»نىڭ بىرى بولدى.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى تۈركىيە سوت مەھكىمىسى ئىستانبۇل چاغلاياندىكى ئادالەت سارىيىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئۈستىدىن يېپىق سوت ئېچىپ، خىتاينىڭ قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، بۇ دېلونىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىككە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

3-ئاينىڭ 22-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي دېموكراتچىلىرى ئوتتۇرىسىدا تور ئارقىلىق تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق مۇنازىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشى سەۋەبلىك، 30 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

3-ئاينىڭ 25-كۈنى خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن، تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە ئوخشاش ۋاقىتتا زور كۆلەملىك نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

 

4-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيە باشچىلىقىدىكى بىر قانچە دۆلەتتە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى «چاقچاق ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىق» شوئارى بىلەن زور كۆلەملىك بىرلەشمە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكا خىتاينىڭ يەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئەيىبلەش ھەققىدىكى ئىككى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنى تولۇق ئاۋاز بىلەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى. بۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە پارلامېنتى ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيەدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان غەرب پارلامېنتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

 

5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» (ASPI) يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان مەجبۇرىي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە جىددىي تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە شىددەتلىك تۆۋەنلەپ كېتىشى سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش، رىۋاندا ۋە كامبودژا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدىكى تۆۋەنلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.

5-ئاينىڭ 12-كۈنى دۇنياغا مەشھۇر «بايلىق» ژۇرنىلى «2021-يىللىق دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك 50 رەھبەر» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ تىزىملىككە ئۇيغۇر ئادۋوكات ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەمەلدارى نۇرى تۈركەلمۇ كىرگۈزۈلدى.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى لىتۋانىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارار چىقاردى.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى توڭلىتىش ھەققىدە رەسمىي قارار ماقۇللىدى.

5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىتالىيە پارلامېنتى خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكىنى ئەيىبلەش قارارىنى ماقۇللىدى.

 

6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىدە تەشكىللەنگەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى رەسمىي باشلاندى.

6-ئاينىڭ 10-كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە زور ھەجىملىك تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلدى.

6-ئاينىڭ 10-كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى.

6-ئاينىڭ 15-كۈنى بېلگىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» دەپ بېكىتتى.

6-ئايدا تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر شائىرى چىمەنگۈل ئاۋۇت فىرانسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن «2021-يىللىق خەلقئارا جەڭگىۋار شائىر مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

6-ئاينىڭ 17-كۈنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى خىتاينىڭ جىددىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى چېن ۋېيچىڭنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ۋەكىل قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

6-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئوكۇس ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى جەمئىيىتى بىرلىكتە يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنىڭ چەت ئەللەرگىچە كېڭەيگەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى.

6-ئاينىڭ 25-كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

6-ئاينىڭ 29-كۈنى كانادا ئاۋام پالاتاسى 2-ئايدا ئاۋازغا قويۇپ تەستىقلىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا رەت قىلىندى.

 

7-ئاينىڭ 5-كۈنى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

7-ئاينىڭ 8-كۈنى بېلگىيە پارلامېنتى قارار ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلدى.

7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى سەۋەبلىك خىتاينىڭ 14 شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىردەك ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى رەسمىي ماقۇللىدى.

7-ئاينىڭ 24-كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەييارلىغان، 2017-يىلى ئىيۇلدا يۈز بەرگەن مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىگە ئالاقىدار دوكلات ئېلان قىلىندى.

 

8-ئاينىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 36 كىشىدىن تەركىب تاپقان ياردەم گۇرۇپپىسى تۈركىيەدە ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئانتاليەنىڭ ماناۋگات ناھىيەسىگە بېرىپ ياردەم خىزمىتىگە قاتناشتى.

8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش مەنبەسى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

8-ئاينىڭ 21-كۈنى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن، تۈركىيەدە ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 147 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتاسى بېلەت تاشلاپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

8-ئاينىڭ 24-كۈنى گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى دوكتور ئادرىيان زېنز يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2040-يىلغىچە 4.5 مىليون ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ يوقىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى مۆلچەرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

9-ئاينىڭ 12-كۈنى شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا، 200 گە يېقىن ئاۋانگارت ياشنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئۇچرىشىشى ئىستانبۇلنىڭ ئەمىنۆنۈدە ئۆتكۈزۈلدى.

9-ئاينىڭ 25-كۈنى تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا «مەھمۇد كاشىغەرىي شېئىر كېچىلىكى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت تۈركىيە ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئۇيغۇر پىروجېكت فوندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تەشكىللەندى.

9-ئاينىڭ 26-كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ، ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمدا مەسچىتكە «ئۇيغۇر ئىسلام ۋە مەدەنىيەت مەركىزى» دەپ نام بېرىلدى.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەسمىي ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىستىسنائىي تەرىقىدە تۈركىيە گىراژدانلىقىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىر ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سورىغان بولۇپ، ئەركىن تۇنىياز مۇۋەققەت رەئىس بولۇپ تەيىنلەندى.

 

10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنىڭ 72 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

10-ئاينىڭ 9-كۈنى 13-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» ۋە 4-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» بوسنىيە پايتەختى سارايېۋودا باشلاندى. يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 40 تىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار، جامائەت ئەربابلىرى، ئاخبارات خادىملىرى ۋە بوسنىيەنىڭ بىر قىسىم دۆلەت ئەربابلىرى بولۇپ يۈزدىن كۆپ كىشى قاتناشتى.

10-ئاينىڭ 21-كۈنى سىن ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىدا ئامېرىكا، تۈركىيە باشلىق 43 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

 

11-ئاينىڭ 11-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چېخ پايتەختى پىراگا شەھىرىدە ئېچىلدى.

11-ئاينىڭ 12-كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئالدىنقى ئەسىردە بەرپا قىلىنغان ئىككى قېتىملىق مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش كۈنىنى تۈرلۈك ئۇسۇلدا خاتىرىلىدى.

11-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىدا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر كېڭىشىنىڭ نامى «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى» دەپ ئۆزگەرتىلدى.

11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە مانچېستېردىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇر» شوئارى بىلەن 5000 كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ پېشۋالىرىدىن بىرى بولغان داڭلىق شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن 81 يېشىدا ۋاپات بولدى.

11-ئاينىڭ 22-كۈنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەييارلىغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى ھەققىدىكى دوكلات مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى كومىتېت رەئىسى پىروفېسسور ئەھمەد ئەززەم ئابدۇراھمان ئارقىلىق، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالاھىدە ئەلچىسىگە يەتكۈزۈلدى.

11-ئاينىڭ 23-كۈنى تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەب تاييىب ئەردوغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى.

11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە «يوشۇرۇن خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن سەۋەب بىلەن 12 خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

11-ئاينىڭ 25-كۈنى لىتۋانىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر لىتۋانىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

11-ئاينىڭ 30-كۈنى گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ئالاقىدار خىتايچە 400 بەتتىن ئارتۇق «مۇتلەق مەخپىي» ھۆججىتىنى ئاشكارىلىدى.

 

12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، 2022-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

12-ئاينىڭ 7-كۈنى يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاۋسترالىيەمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنگلىيە، شوتلاندىيە، كانادا قاتارلىق ئۈچ دۆلەت بېيجىڭ ئولىمپىكىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى.

12-ئاينىڭ 9-كۈنى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

12-ئاينىڭ 10-كۈنى «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تېمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

12-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان ئىيى پارتىيەسى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى» سەرلەۋھەلىك دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى تۈركىيە خەلقىگە تونۇشتۇردى.

12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا قاتناشقان خىتاينىڭ 25 ئورگىنىنى ھەربىي ئىشلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاۋسترىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان باش مىنىستىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ ئاخىرقى ماسلاشتۇرۇلغان نۇسخىسى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللاندى.

12-ئاينىڭ 15-كۈنى ماراكەش سوت مەھكىمىسى ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى قارارىنى ئېلان قىلىپ، ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقاردى.

12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا، خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە كەلىمە تەۋھىدكە قىلغان ھاقارىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

12-ئاينىڭ 20-كۈنى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ياللانما تور قوشۇنى ھەققىدىكى يېڭى دەلىل-ئىسپاتلارنى ئاشكارىلىدى.

12-ئاينىڭ 22-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە بىر قېتىم قارار ماقۇللاپ، 27 ئەزا دۆلەتنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن خىتايغا قارىتىلغان جازانىڭ مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

12-ئاينىڭ 21-كۈنى خىتاي ئامېرىكىنىڭ جازا قارارلىرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئەمەلدارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئەييۇب سۇلتان رايونىدىكى باھارىيە مەۋلەۋىيخانىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئالىمى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مۇھىم يولباشچىلىرىدىن بىرى ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ۋاپاتىنىڭ بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇمنى خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 6256-نومۇرلۇق «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى»گە ئىمزا قويدى.

12-ئاينىڭ 25-كۈنى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ باش ئىجراچىسى چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا ما شىڭرۈينى ئالماشتۇردى.

12-ئاينىڭ 24-كۈنى ياپونىيە بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

12-ئاينىڭ 25-كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 8-قېتىملىق شۇرا يىغىنى تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدە باشلاندى.

12-ئاينىڭ 29-كۈنى گېرمانىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

2022-يىلى 1-يانۋار

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

يازغۇچى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق