2021-يىلى دۇنيادا يۈز بەرگەن بىر قىسىم مۇھىم ۋەقەلەر

2021-يىلى دۇنيادا يۈز بەرگەن بىر قىسىم مۇھىم ۋەقەلەر

2021-يىلى دۇنيادا يۈز بەرگەن بىر قىسىم مۇھىم ۋەقەلەر

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

2021-يىلى دۇنيادا بىرقىسىم مۇھىم ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتتى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۆۋەندە ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيادا يۈز بەرگەن بىر قىسىم مۇھىم ۋەقەلەرنى قىسقىچە دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگو ئاخىرلاشتى

1-ئاينىڭ 5-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر قاتارلىق پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ 2019-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ قاتارغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسى ئاخىرلاشتى.

 

خىتاي ۋاباسى

2020-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ خىتاي ۋىرۇسى دۇنياغا تارقىلىشقا باشلاپ، پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى. 2011-يىلى 11-ئايغا كەلگەندە دۇنيادا خىتاي ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 280 مىليونغا يەتتى. ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى بەش مىليوندىن ئاشتى.

 

ئامېرىكا پارلامېنتىغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسى

ئامېرىكىدا 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ سايلامنىڭ نەتىجىسى 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلىندى. سايلامدا جوۋ بايدېن غەلىبە قىلدى. بۇنىڭغا نارازى بولغان مىڭلىغان تىرامپ تەرەپدارلىرى ئامېرىكا پارلامېنتىغا بېسىپ كىردى. ۋەقەدە بەش كىشى ئۆلدى. بۇ ۋەقە تارىختا تۇنجى قېتىم تىنچلىق دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئامېرىكا پارلامېنتىغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسى بولۇپ قالدى.

 

جوۋ بايدېن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولدى

ئامېرىكىدا 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا جوۋ بايدېن غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ 46-پىرېزىدېنتى بولدى.

 

تۈركىيەنىڭ «TÜRKSAT 5A» سۈنئىي ھەمراھى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى

1-ئاينىڭ 8-كۈنى تۈركىيەنىڭ «TÜRKSAT 5A» سۈنئىي ھەمراھى ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى Cape Canaveral بازىسىدىن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى.

 

بېرما ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇۋېتىلدى

2-ئاينىڭ 1-كۈنى بېرمانىڭ دۆلەت رەئىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭسان سۇكى رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت بېرما دۆلەت ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى.

 

ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ چارلىغۇچى ئالەم كېمىسى مارسقا قوندى

2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ  چارلىغۇچى ئالەم كېمىسى 7 ئايدا 480 مىليون كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مارسقا قوندى.

 

سۇۋەيش قانىلى توسۇلۇپ قالدى

3-ئاينىڭ 24-كۈنى «The Ever Given» ئىسىملىك غايەت چوڭ تىپتىكى يۈك پاراخوتى سۇۋەيش قانىلىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، ناچار ھاۋارايى سەۋەبلىك قىرغاققا سوقۇلۇپ كېتىپ، سۇۋەيش قانىلى بىر ھەپتە توسۇلۇپ قالدى.

 

چاد دۆلىتى پىرېزىدېنتى ئۆلتۈرۈلدى

4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئافرىقىدىكى چاد دۆلىتى پىرېزىدېنتى ئىدرىس دېبىي قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى كۆزىتىشكە بارغان ۋاقىتتا، قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

 

ئىسرائىلىيەدە 12 يىللىق نېتانىياخۇ دەۋرى ئاخىرلاشتى

6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىسرائىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۆكتىچى پارتىيەلەر غەلىبە قىلىپ، ئوڭچى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ باشلىقى نافتالى بېنېت ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى بولدى. شۇنىڭ بىلەن 12 يىلدىن بۇيان ھوقۇق تۇتۇپ كېلىۋاتقان بېنيامىن نېتانياخۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى.

 

ھايتى دۆلەت رەھبىرى سۇيىقەستكە ئۇچرىدى

7-ئاينىڭ 8-كۈنى كېچىدە ھايتى پىرېزىدېنتى جوۋېل موسې ئۆيىگە كىرگەن نامەلۇم سۇيىقەستچىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

 

ئىتالىيە ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

2020-يىللىق ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈشكە قارار قىلغان ئىدى. ئەمما بۇ مۇسابىقە خىتاي ۋاباسى سەۋەبلىك بىر يىل كېچىكتۈرۈلدى. 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىتالىيە ئەنگلىيەنى 3-2 نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ، ئارىدىن 53 يىل ئۆتكەندە ياۋروپا لوڭقىسىغا قايتا ئېرىشتى.

 

ئامازون ئورمانلىقىنىڭ سۈمۈرگىنىدىنمۇ كۆپ كاربون تۆت ئوكسىد چىقىرىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى

7-ئاينىڭ 4-كۈنى دۇنيادىكى مەشھۇر ئىلمىي ژۇرنال «تەبىئەت» ژۇرنىلى ماقالە ئېلان قىلىپ، دۇنيادا ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىۋاتقان ئوت ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە كۈندىن-كۈنگە تارىيىۋاتقان ئامازون ئورمانلىقىنىڭ سۈمۈرگىنىدىنمۇ كۆپ كاربون تۆت ئوكسىدى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئالىملار بۇ ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

 

ئىسرائىلىيەنىڭ «پېگاسۇس» دېتالىنىڭ جاسۇسلۇق دېتالى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

7-ئانىڭ 18-كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە 15 تىن ئارتۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ «NSO» گۇرۇھى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «پېگاسۇس» ناملىق يۇمشاق دېتالنىڭ جاسۇسلۇق دېتالى ئىكەنلىكى،  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىڭلىغان سىياسەتچىلەر، مۇخبىرلار، ئاكادېمىكلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ تېلېفونىغا ئورنىتىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئاشكارىلاندى.

 

توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلۈشكە قارار قىلىنغان ئىدى. ئەمما خىتاي ۋاباسى سەۋەبلىك بىر يىل كېچىكتۈرۈلدى. بۇ مۇسابىقە 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە توكيودا ئۆتكۈزۈلدى.

 

تالىبانلار كابۇلغا كىردى

8-ئايدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقتى. تالىبانلار ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇرۇش رايونلىرىدا چاقماق تېزلىكىدە ئىلگىرىلەپ، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى پايتەخت كابۇلغا كىردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستاندا تالىبانلار دەۋرى باشلاندى.

 

ئالەم ئۇچقۇچىسى بولمىغان تۆت كىشى تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا چىقتى

9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەسلىدە ئالەم ئۇچقۇچىسى بولمىغان ئامېرىكىلىق مىلياردېر جارېد ئىسھاقمان قاتارلىق تۆت كىشى ئامېرىكىلىق داڭلىق مىلياردېر ئېلون ماسكنىڭ شىركىتى SpaceX قا تەۋە «Falcon 9» تىپلىق راكېتا ئارقىلىق تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا چىقتى. بۇ ئەھۋال دۇنيادا ئالەم ساياھىتىنىڭ باشلىنىشى بولدى، دەپ قارالدى.

 

گېرمانىيەدە 16 يىللىق ئانگېلا مېركېل دەۋرى ئاخىرلاشتى

9-ئاينىڭ 26-كۈنى گېرمانىيەدە سايلام ئۆتكۈزۈلدى. بۇ سايلامدا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى غەلىبە قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبىرى ئولاف شولز گېرمانىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئانگېلا مېركېلنىڭ گېرمانىيەدىكى 16 يىللىق دەۋرى ئاخىرلاشتى.

 

سۇداندا دۆلەت ئارمىيەسى ھۆكۈمەتكە قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلدى

10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئافرىقىدىكى سۇدان دۆلىتىدە دۆلەت ئارمىيەسى ھۆكۈمەتكە قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى. بۇ ھەرىكەتتە سۇدان رەھبىرى ئابدۇللاھ ھەمدۇك قولغا ئېلىندى. 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ھۆكۈمەت بىلەن سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغان ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا 14 ماددىلىق كېلىشىمنامە ئىمزالاندى.

 

ياۋروپا چېگراسىدا كۆچمەنلەر كىرىزىسى يۈز بەردى

11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېلارۇسىيەدىن ياۋروپاغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان مىڭلىغان كۆچمەنلەر پولشا چېگراسىغا كەلگەندە پولشا ئەسكەر ۋە ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى. بۇ ئەھۋال شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، ياۋروپا ۋە خەلقئارادا نۇرغۇن ئىختىلاپلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ھەققىدىكى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

11-ئاينىڭ 13-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسىنىڭ 26-قېتىملىق يىغىنى شوتلاندىيەنىڭ گىلاسگوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا 120 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ رەھبىرى ۋە ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىندا 2021-يىلدىن 2025-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى ئۈچۈن 12 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىش توغرۇلۇق بىرلىككە كېلىندى.

 

خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يېڭى تۈرى بايقالدى

11-ئاينىڭ 25-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىدا خىتاي ۋىرۇسىنىڭ «Omicron» نۇسخىسى بايقالدى. ۋىرۇسشۇناس ئالىملار بۇ نۇسخىغا «B.1.1.529» دەپ نومۇر قويدى. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن دۇنيادا يەنە قايتىدىن جىددىيچىلىك يۈز بەردى.

 

ناھايىتى كۆپ تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بەردى

2021-يىلى دۇنيادا ئېغىر دەرىجىدە ھاۋا ئىسسىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەردە دېگۈدەك ئېغىر دەرىجىدە ئوت ئاپىتى، بوران-چاپقۇن، كەلكۈن ۋە قۇرغاقچىلىق، يانار تاغ پارتلاش... قاتارلىق كۆپلىگەن تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بەردى. بۇ ئاپەتلەردە كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆلدى ۋە يارىلاندى، ئېغىر دەرىجىدە مۇھىت بۇلغىنىش يۈز بەردى، شۇنداقلا نۇرغۇن ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىقتى.

 

2022-يىلى 3-يانۋار

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

يازغۇچى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق